تايلاند ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئۆتكەن ئايدا باڭكوك شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار يەنە بىر گۇماندارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئۇنىڭ تۈرك پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈردى.
17-ئاۋغۇست باڭكوك شەھىرىدىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كۆپىنچىسى خىتاي پۇقرالاردىن تەركىب تاپقان 22 ئادەم ئۆلگەن.
تايلاند ساقچىلىرى ھازىرغىچە مەزكۇر ھۇجۇمغا ئالاقىدار 8 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، ئىككى نەپىرىنى قولغا ئالغان ۋە ھۇجۇمدىكى باش گۇماندارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 2-سېنتەبىر ئېلان قىلغان يېڭى گۇماندارىنىڭ ئىسمى ئەمراھ داۋۇتئوغلۇ بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى يەرلىك تايلاند پۇقراسى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى يەنە 1-سېنتەبىر قولغا ئېلىنغان ئىككىنچى گۇماندارنىڭ ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن «بومبىنى ياساشقا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقى ئىسپاتلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، گۇماندار بۇنى رەت قىلغان.