تايلاند ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان گۇماندار بىلەن ئادەم قاراداغ بومبا قويۇپ، باڭكوكتىكى پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبىچى ئەمەستەك قىلىدۇ، دېدى.
تايلاند دائىرىلىرى ئىلگىرى گۇماندارنىڭ بارماق ئىزى باڭكوك ئەتراپىدىكى بىر بىنا ئۆيدىن تېپىلغان بومبا ماتېرىياللىرىدا بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق دائىرىلەر جۈمە كۈنى گۇماندارلارنىڭ DNA سى 17-ئاۋغۇست باڭكوكتىكى ئېراۋان ھىندى ئىبادەتخانىسىغا بومبا قويغان گۇماندارنىڭ دنا بىلەن ئوخشاش چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق ئىلگىرى تايلاند دائىرىلىرىنى زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئورۇنسىز پەرەز ۋە گۇمان پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، بارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
تايلاند باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى بومبىچى بىلەن گۇماندارلارنىڭ دنا سى پەرقلىق چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەمدى بىزنىڭ ئۇ گۇماندارنى سېرىق مايكىلىق بومبىچى شۇ، دەيدىغانغا ھېچقانداق دەلىلىمىز قالمىدى» دېگەن.
بىراق باياناتچىسى يەنە ئەسكەرتىپ، «ئەمما ئۇنىڭ پارتلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكى چوقۇم» دەپ كۆرسەتكەن.
نۆۋەتتە، تايلاند ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان گۇماندارلارنىڭ بىرى سەيشەنبە كۈنى كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ يېنىدىن تۈرك ۋە خىتاي پاسپورتى بايقالغان. خىتاي پاسپورتى تۇغۇلغان يېرى «شىنجاڭ»، ئىسمى «مىرئەلى» ئاتلىق بىر كىشىگە تەئەللۇق ئىدى.
لېكىن دائىرىلەر چېگرادا قولغا ئېلىنغان ئۇ كىشىنىڭ ياكى ساختا پاسپورت ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بەرمىگەن.