مالايشىيا دائىرىلىرى باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن تۇتقان.
مالايشىيا دۆلەتلىك ساقچىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇر رەشىد ئىبراھىمنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇلار ئۆتكەن ھەپتە جەريانىدا كۇئالالۇمپۇر ۋە مالايشىيانىڭ تايلاند بىلەن چېگرىلىنىدىغان كەلانتان شتاتىدا قولغا تۇتۇلغان.
17-ئاۋغۇست باڭكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىدا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20 ئادەم ئۆلگەن، 120 ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.
كېيىن دائىرىلەر ھۇجۇمنى ئادەم ئەتكەسچىلىرى قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىما قىلىشقان بولسا، بەزىلەر بۇنىڭ بۇ يىل ئىيۇلدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 109 ئۇيغۇر مۇساپىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.
نۇر رەشىد ئىبراھىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەت تۇتۇلغان 8 ئادەمنىڭ 4 نەپىرى يەرلىك مالايشىيالىق ئادەم ئەتكەسچىلىرى بولۇپ، قالغان 4 نەپىرى مالايشىياغا قانۇنسىز كىرگەن ئۇيغۇرلار ئىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلارنىڭ باڭكوك ھۇجۇمغا چېتىلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بۇلار نۆۋەتتە سورا ق قىلماقتا ئىكەن.
ئۇ يەنە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا جىنايىتى دەلىللەنمىگەنلىكى، ئۇلار سادىر قىلغان جىنايەتنىڭ پەقەت چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان تايلاند ساقچى باياناتچىسى: بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز تۇتماقچى بولغان گۇماندار يوق ئىكەن، دېدى.
ئۇ يەنە باڭكوك ئېراۋان ئىبادەتخانىسى ۋەقەسىگە چېتىلغان 14 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى بىلدۈردى.
تايلاند دائىرىلىرى ئىلگىرى بۇ ھۇجۇمغا ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 2 گۇمانلارنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ قولىدا خىتاي پاسپورتى بارلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.