تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى تېخى قارار قىلمىغان

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاخباراتىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قاماقتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا تېخى قارار بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى پانىتان ۋاتاناياگون مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باڭكوكتىكى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى ئاخىرقى قارار تېخى چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تايلاند ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى 7‏-ئايدا بالىلار، ئاياللار ۋە بىر قىسىم ئەركەكلەر بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

ئارقىدىنلا باڭكوكتىكى ئىبادەتخانا ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 دەك ئادەم ئۆلگەن. تايلاند ھۆكۈمىتى ئىككى ئۇيغۇرنى پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئېلىپ، رەسمىي ئەيىبلىگەن. ئەمما بۇ ئۇيغۇر، ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ پارتلاشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، پانىتان، «ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىز، بولۇپمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرقلىق گۇرۇپپىلارنى ئۆز دۆلىتىگە ياكى 3‏- بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى داۋاملىق كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز» دېگەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى، ئۇلار تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.