تايلاند ساقچىلىرى تۈرمىدىن قاچماقچى بولغان 7 ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىنى سوتقا تاپشۇرغان

تايلاند ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا تايلاندنىڭ مۇكداخان رايونىدىكى تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىنى سوتقا تاپشۇرغان.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇكداخان رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئۇدۇن چاكائېك بۇ 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» دىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن مۇكداخان تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ دېلوسىنىڭ سوتقا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

تايلاند دائىرىلىرى 10‏-يانۋار كۈنى تايلاندنىڭ مۇكداخان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مۇئاڭ رايونىدىكى مۇساپىرلار قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ قاماقخانىدىن قاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدى-كەينى بولۇپ قولغا چۈشكەن.

يۇقىرىقى ساقچى خادىمىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار «تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «خەلقنى كۈچلەندۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» باشلىقى چالىدا تاجارونسوك يېقىندا بۇ 7 نەپەر ئۇيغۇرنى بىۋاستە زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلار مەركىزىدىكى ئىنتايىن ناچار شارائىتلار تۈپەيلىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە «مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى تولىمۇ قىستاڭچىلىق ۋە شارائىتى بەك ناچار بولغاچقا ئۇلار قاچماقچى بولغان. ئۇ يەردە پەقەت بىرلا دېرىزە بار ئىكەن. ئۇلار 4 يىلدىن بېرى كۈن كۆرمەيۋېتىپتۇ» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسىتىنىڭ مالايسىيا ۋە تۈركىيەگە كېتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مۇكداخان ئۆلكىلىك كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاماقخانىدىن قاچقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى 22-38 ياشلار ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇلار ھازىر تايلاندتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى 4 مۇساپىرلار مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جەمئىي 50 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.