ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان يۇقىرى پالاتا ئەزاسى لورد دەيۋىد ئالتون ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئەنگىلىيەگە يۆتكەپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئىتالىيەدىكى «زېمىستان» تور ژورنىلىىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا زىيارەتتە بولغان ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان بۇ ئەزاسى «زېمىستان» تور ژورنىلىغا سۆز قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ «ھايۋانلارغا ئوخشاش قەپەسكە سولىنىپ» تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ «يۈرەكنى ئېزىدىغانلىقى»نى ئېيتقان.
يېقىندا تايلاندتىكى «بانكوك پوچتىسى» گېزىتى خەۋەر بېرىپ، تايلاند تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارلىشى، 2013- ۋە 2014-يىللىرىدىن بېرى تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان دىققەتنى، يەنى ئۇلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى چۇقانلارنىڭ قايتا كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «بانكوك پوچتىسى»نىڭ خەۋىرىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاندا كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ «بۇ كىشىلەرنى ھاياتى بويىچە مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇپ، خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىۋاتقاندەك ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى»نى تەنقىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر يەر يۈزىدە دوزاق بار دىيىلسە، تايلاند بۇنى مۇشۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇپ چىقتى» دېگەن.
لورد دەيۋىد ئالتون 7-نويابىر تۋىتتېردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا، «خىتايدىن كەلگەن مۇساپىرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ قاچقۇنلار قايتۇرۇپ بېرىلسە تۈرمىگە تاشلىنىدىغان، جازالىنىدىغان ياكى ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدىغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇلۇشىنى توختىتىش ۋەزىپىسى بار. تايلاندنىڭ ئىنسانىي شەكىلدە بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك» دېگەن.