خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا توختىماي ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، قارىماققا بۇلار تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەشىقلىرى ئىكەن.
CBS(كولومبىيە رادىيو شىركىتى) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويلىرىدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پراكتىكىسى قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان. تەيۋەن ھەربىي تەرەپمۇ خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي مەشىقلىرىنى باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەننىڭ 200 مىڭ، خىتاينىڭ 2 مىليون ئەسكىرى بار ئىكەن؛ تەيۋەننىڭ ھۇجۇمچى ئايروپىلانلىرى خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. ئەمما تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن بولۇپ، بۇ ھەپتە ئۇلار خىتاينىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش، دېڭىزدا بومبا ئېتىش مەشىقلىرى ئېلىپ بارغان.
ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كەلگۈسى ئىككى يىلدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدىكەن. ئەمما خىتاي بۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش ئارقىلىق تەيۋەننى قامال قىلىش ۋە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش غەرىزىنى نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.
