ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىن قېزىلىۋاتقان يەر ئاستى بايلىقىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشماقتا. بولۇپمۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇنىڭدا ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا تارىم نېفىتلىكىدىن 25 مىليون توننىدىن كۆپرەك نېفىت قېزىۋېلىنغان. ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن قېزىۋېلىنغان تەبىئىي گاز مىقدارى 25 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاينىڭ ئۈچىنچى چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىسىغا ئايلانغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي «غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق تارىم نېفىتلىكىدىن ئىچكى خىتايغا توشۇيدىغان نېفىت مىقدارىنى يىلدىن-يىلغا ئاشۇرماقتا.
«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ئۆتكەن 13 يىل مابەينىدە تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاينىڭ شەرقتىكى ئۆلكىلىرىگە 200 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز توشۇلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى 120 نەچچە شەھەردە ياشاۋاتقان 400 مىليوندىن خىتاي پۇقراسى ۋە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان. بۇنىڭدا «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» نامىدا بەرپا قىلىنغان، ئۇيغۇرلار دىيارىدىن شاڭخەيگىچە سوزۇلغان تۆت مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گاز ۋە نېفىت تۇرۇبىسى ئاساسلىق توشۇش ۋاسىتىسى بولغان.
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بولسا خىتاي شەھەرلىرىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا «كۆمۈر دەۋرى» دىن «تەبىئىي گاز دەۋرى» گە كىرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەر «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندىكى، جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر ئىزچىل ھالدا نامراتلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىن قېزىلىۋاتقان غايەت زور مىقداردىكى تەبىئىي بايلىقنىڭ يەرلىك خەلققە ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.