خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 3-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي نېفىت شىركىتى 2018-يىلى ئىچىدە جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ساۋەن ۋە ماخۇ رايونلىرىدىكى يەر قاتلىمىدا ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 415 مىليون توننىغا يېتىدىغان غايەت زور بىر نېفىتلىكنى بايقىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ھازىرغىچە جۇڭغار ئويمانلىقىدىن بايقالغان ئەڭ زور نېفىت زاپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېخى ئالدىنقى ئايدا تارقاتقان بىر خەۋىرىدە تارىم ئويمانلىقىدىن 100 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، غەربىي-شىمال نېفىتلىكى تەۋەسىدىن قېزىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ يىللىق قېزىلىش مىقدارى توققۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل 1.4 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى قېزىش كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتكەن. 2005-يىلىدىن بۇيان قېزىلغان تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمى مىقدارى 19 مىليارد كۇب مېتىر ئىكەن. بۇ گازنىڭ 14 مىليارد كۇب مېتىرى سېتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتىكەن.
ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ قىسىم ناھىيە ۋە يېزىلارنى «نامرات» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.