خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئېنېرگىيە بايلىقىنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىشنى پىلانلىماقتا

خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا چۈشكەن بىر تەكلىپكە قايتۇرغان جاۋابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئېنېرگىيە بايلىقىنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئۇ «شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەركەزلىك بازىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ توكىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، تېخىمۇ كۆپ توك يەتكۈزۈش يوللىرىنى قۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەنلەرنى ئاساس قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى مول بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن ۋە ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى ئېنېرگىيە ئۈستىدىكى ئىزدىنىش خىزمەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تەتقىق قىلىش ۋە پىلانلاش خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتتىق تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئاشلىق، مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.