خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشنى جىددىي كۈچەيتمەكتە. خىتاي خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق نېفىت بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى جۇغلانما گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

قارامىل تەبىئىي گازلىقى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ جۇڭغار ئويمانلىقىدا بايقالغان 100 مىليارد كۇب مېتىرلىق زاپىغا ئىگە تۇنجى تەبىئىي گازلىق ئىكەن. «جۇڭگار مەرۋايىتى» دەپ ئاتالغان بۇ تەبىئىي گازلىق 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2020-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت بازىلىرىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىپ، 20 مىليون توننىلىق زامانىۋى چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەيدانىنى تولۇق قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇندىن باشقا خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-مارتقىچە، تارىم نېفىتلىكى 1 مىليون 166 مىڭ توننا نېفىت ۋە 5 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 530 مىڭ توننا ئاشقان ۋە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

بۇ خەۋەردىمۇ دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇدا ۋە تېز ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى، ئالدىنقى ئىككى ئايدىلا 23 يېڭى قۇدۇقنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېلىپ، پىلاندىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 مىڭ 800 توننا ۋە 51 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھازىر تارىم نېفىتلىكى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىڭ 800 توننا نېفىت ۋە 92 مىليون 660 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى ئىككى خەۋەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جان-جەھلى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار بىر مىللەتنىڭ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش ۋە يۆتكەشمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم بىر نامايەندىسى، دەپ كۆرسەتتى.