«خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدا يېڭىدىن بايقالغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت نۇقتىسى يېقىندا رەسمىي مەھسۇلات قېزىشقا ئۆتكەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى 4-فېۋرالدا قېزىلىشقا باشلىغان بۇ يېڭى نېفىتلىك قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، 33 مىليون كۇپ مېتىردىن كۆپرەك تەبىئىي گاز ۋە تۆت مىڭ توننىدىن ئارتۇق نېفىت قىزىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. نۆۋەتتە بۇ تەبىئي گاز زاپىسىنىڭ قاپلاش دائىرى 150 كۇۋادرات كىلومېتىر دائرىسىدە بولۇپ، بۇنىڭ قانچە يىل قېزىلىدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىدا بۇ خىلدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفت زاپاس نۇقتىلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ قېزىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كاپالەت، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىشى ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «ئېنېرگىيە ئامبىرى» بولۇشتەك رولىغا باغلىماقتا ئىكەن. ئۇلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايدىكى ئەڭ كەمبەغەل خەلققە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىغىمۇ رازى بولماستىن، مۇشۇ بايلىقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ شېرىكلىك داۋاسى قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى مىللەت بويىچە يوق قىلىۋېتىشنى قەستلىمەكتە» دېيىشمەكتە ئىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرگەن دىۋانىلەر› دېگەندەك ئېچىنىشلىق ھالىتىنىڭ تىپىك مىسالى،» دېيىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.