ئۇيغۇر ئېلىدىكى 8 تەبىئىي بايلىق كانى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىدىكەن

30-ماي كۈنى، خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردىن قارىغاندا ئۇيغۇر رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار نازارىتى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك كان بايلىقلىرى چىقىدىغان 8 كاننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتاي مىقياسىدا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشقا چىقارغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كانلار ئىچىدە غەربىي كوئىنلون مالكانسۇ مارگانتېس كېنىمۇ بار بولۇپ، بۇ كاننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ زور مارگېنتس تەرەققىيات بازىسى بولۇپ قالغان ئىكەن.

يۇقىرىدا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلغان كانلار مىس، نېكىل، قوغۇشۇن، سىلانېتىس، يەر ئىسسىقلىقى ۋە باشقىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ كانلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 800 مىليون يۈەندىن باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇندىن ئاۋۋال 9 كۆمۈر كېنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىپ بولغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ كانلارنىڭ كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىشى دېگەنلىك ئۇلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچكىرىدىن خىتاي ئىشچىلارنى ئەكېلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇلار ھەممىسى ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ ئەھۋاللار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەۋە كارخانىلار ۋە شىركەتلەر يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق كانلىرىنى ئېچىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل كانلاردا خىزمەت قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشچىلار ۋە تېخنىكلار يەرلىك خەلقلەردىن بولماستىن ئىچكى خىتايدىن ئېلىپ چىقىلغان خىتاي ئىشچىلار بولۇپ كەلگەن. خىتاي شىركەتلىرى ئېچىۋاتقان تەبىئىي گازلىقلار، ۋە نېفىتلىكلەرنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇتلەق زور قىسمىنى خىتايلار ئىگىلىگەن. ئېچىلىۋاتقان بۇ تەبىئىي بايلىقلاردىن شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ نەپ ئېلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە بولسا، مۇھىت ئامىلى بولۇپ، بۇ كانلارنىڭ بولۇپمۇ سىلانېتىس كانلىرىنىڭ قېزىلىشىنىڭ ئادەتتە مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولىدىكەن.