ئۇيغۇر دىيارىنىڭ توكىنى خىتايغا يۆتكەشتە «تارىخىي رېكورت» يارىتىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ 20 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇغۇرى رېكورتى يارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ توك ئېھتىياجىغا كېرەكلىك بولغان ئۈچ مىليون كىلوۋاتلىق توك تولۇق تەمىنلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇشقا كەڭ-كۇشادە يېتىدىكەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توك شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېنلوڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «نۆۋەتتىكى ۋىرۇس ۋاباسى مەزگىلىدە توك بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى كۆپلىگەن ساھەگە بېرىپ تاقىشىدۇ. بىز بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى مۇكەممەل ئىشلىدۇق» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ توكىنى يۆتكەش ئارقىلىق پۈتكۈل خىتاينىڭ يېرىمىغا يېقىن دائىرىدىكى توك ئېھتىياجىنى قامدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتى ۋە تومۇز ئىسسىقى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا ئېغىر دەرىجىدە توك يېتىشمەسلىك كېلىپ چىققان. بۇ زور ئېھتىياج بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىن غايەت زور مىقداردا توك يۆتكەش ئارقىلىق ھەل قىلىنغان. ئەمما بۇ توكنىڭ قانداق ھاسىل قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ھالبۇكى بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر قېزىش خىزمىتىدە 50 مىليون توننىلىق يېڭى رېكورتنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھال نۆۋەتتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەشتە ئىشلىتىلىۋاتقان توكنىڭ كۆمۈرنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا داۋام قىلىپ كەلگەن «كۆمۈرنى كۆيدۈرۈپ گازغا ئايلاندۇرۇش، ئاندىن ئىچكىرىگە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتىنى غايەت زور دەرىجىدە خاراب قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى.