خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «لاگېرلارغا يىغىۋېلىش ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قېزىلىش سۈرئىتى، كۆلىمى ۋە مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدىن 100 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان. تارىم نېفىتلىكىدىكى ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بايقىلىشى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر يېڭى گاز مەنبەسى بولۇپ قالغۇسى. بۇ ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېگەن. ھازىرقى بازار نەرخىدە ھەر كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسى 2-3 سوم ئارىلىقىدا بولماقتا ئىكەن.
«يۈننەن ئىقتىساد تورى» دا 17-دېكابىر ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، غەربىي شىمال نېفىتلىكى تەۋەسىدىن قېزىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ يىللىق قېزىلىش مىقدارى توققۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل 1.4 مىليارد كۇب مېتىرنىڭ يۇقىرىسىدا بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى قېزىش كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتكەن 2005-يىلىدىن بۇيان قېزىلغان تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمى مىقدارى 19 مىليارد كۇب مېتىر ئىكەن. بۇ گازنىڭ 14 مىليارد كۇب مېتىر سېتىلغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبەسى بولۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي دائىرىلىرى دەل مۇشۇ پۈتمەس-تۈگىمەس تەبىئىي بايلىقلارغا ئۇيغۇرلار شېرىكلىك داۋاسى قىلمىسۇن، دەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش قەستىدە بولماقتا» دېدى.