ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.16

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەنزىرىلىك رايونلىرىغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ زىيادە كۆپلۈكى سەۋەبىدىن رايوندىكى تاغ، يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 2012-يىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر 48.6 مىليونغا كۆپىيىپ، دائىرىلەرنىڭ ساياھەتتىن كىرگەن كىرىمى 57.6 مىليارد سوم خەلق پۇلىغا يەتكەن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈنمىگەنلىكتىن، رايوندىكى تاغ، يايلاق، مەنزىرىلىك جايلار ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 2013-يىللىق ساياھەت كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىلقى ساياھەتچىلەر سانىنى 62.65 مىليون ئادەم-قېتىمغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدىن ئەنسىرىگۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى شارائىتىدا رايوندىكى ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، مەنزىرىلىك جايلارغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى كونترول قىلىپ، تاغ، يايلاق، باغ-ۋارانلارنىڭ ئەسلىدىكى گۈزەل ھالىتىنى قوغداپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.