خىتاي 2016-يىلىدا تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىۋېلىنغان 19 مىليارد 300 مىليۇن كۇپ مېتىر تەبىئىي گازنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كەتكەن


خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى ھەققىدە بىر قىسىم ئىستاتېسكىلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان.

شىنخۋا ئاگېنتلىقى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە خىتاينىڭ 2016-يىلىدا تارىم نېفىتلىكىدىن جەمئىي 23 مىليارد 562 مىليۇن كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز قازغانلىقى، بۇنىڭ 19 مىليارد 300 مىليۇن كۇپ مېتىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى تارىم نېفىتلىكىدە «ئۇخلاپ ياتقان» 52 نېفىت قۇدۇقىنى يېڭىدىن ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەن بىر يىلدا جەمئىي 54 مىڭ توننا نېفىت، 900 مىليۇن كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز قاز قازغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆتكەن يىلى خەۋەر بېرىپ، تارىم نېفىتلىكىدىن تۇرۇبا ئارقىلىق شەرققە توشۇپ بېرىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى 400 مىليۇندىن ئارتۇق خىتاي ئاھالىسىنىڭ يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قامداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ يەردە قېزىلىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.