خىتاي گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودرومى بىلەن چۇڭچىڭ جياڭبېي ئايرودرومى 17-ماي تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىر قىسىم يولۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش سەپىرىنى بىكار قىلغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 لەردە گۇاڭجۇ ۋە چۇڭچىڭ ئايرودروملىرىغا شاڭخەيگە قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانىدا پارتلاتقۇچ بۇيۇمى بارلىقى ھەققىدە تەھدىت تېلېفونى كەلگەن.
خىتاي مىكرو بلوگ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەھدىت تېلېفونى چۇڭچىڭ ئايرودرومىدىن ئۇچىدىغان بارلىق يولۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىغا تەسىر قىلغان. دائىرىلەر بارلىق يولۇچى ئايروپىلانلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان.
تەھدىت تېلېفونى سەۋەبلىك شاڭخەيگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودرومىغا قايتىپ كەلگەن. خىتاي ئاخباراتى ئاز دېگەندە 9 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش سەپىرى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چۇڭچىڭ ھاۋا يوللىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىراق «يولۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ يېرىم يولدىن قايتىپ كېلىش ياكى مەجبۇرى قونۇش ئەھۋالى يۈز بەرمىدى» دېگەن.
بۇ خىتاي ھاۋا يوللىرىنىڭ يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە 2-قېتىم تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇچۇش سەپىرىگە تەسىر قىلىشىدۇر. 15-ماي شېنجېن ئايرودروم تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋېلىپ، خىتايغا تەۋە 5ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ شېنجېنغا كېتىۋاتقان يولۇچى ئايروپىلانلىرى كەينىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
