يېڭى تەشۋىقات فىلىمى-«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» ئۈرۈمچىدە تۇنجى مەيدان قويۇلدى

تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى»ناملىق ھېكايە فىلىم ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا قويۇلۇپ، تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن، 22-ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 700 ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، فىلىمدە 2010-يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»ئېچىپ، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنىدىن بۇيانقى 6 يىل ئىچىدىكى «زور تەرەققىياتلار» تەسۋىرلەنگەن.

فىلىمدە ئايگۇل ئىسىملىك بىر يېزا قىزىنىڭ يېزىغا ئەۋەتىلگەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى، خەلقنىڭ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى»نى قوغداشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە باشقا تەرەپلەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

مەزكۇر فىلىم ھەققىدىكى باھالار ۋە تەشۋىقات خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ فىلىمنىڭ تىپىك سىياسىي تەشۋىقات ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «بۇ فىلىمنىڭ قاتتىق سەنئەت ئۆلچىمى، كۆرەرمەنلەرنىڭ بەدىئىي قىزىقىشى ۋە زوقلىنىش ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىنماستىن، بەلكى سىياسىي تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەنلىكى ئېنىق، شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنىپ، خەلققە تېڭىپ كۆرسىتىلىشى تەبىئىي ئەھۋال» دېدى.

مەلۇمكى، «تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى» ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1980-يىللىرىدىن باشلاپ، بىر قىسىم ھېكايە فىلىملەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، «رەنانىڭ تويى»، «ئارتىست بولمايدىغان قىز»، «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى»، «سىرلىق كارۋان» قاتارلىق فىلىملەر كۆرەرمەنلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى مىللى ئىنقىلابى تېمىسىغا ئائىت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم بۇ فىلىمدە مىللى ئارمىيەنىڭ قازاق ۋە ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى، ھەربىي كاكارلىرى، ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھاياتىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق فىلىمنى قايتا ئىشلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» غا ئوخشاش سىياسى تەشۋىقات فىلىملىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.