81 ياشلىق خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى تې ليۇ ئۈستىدىن سوت ئېچىلماقچى
2015.02.24
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر دائىرىلەر تەرىپىدىن «قانۇنسىز تىجارەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان، خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى 81 ياشلىق تې ليۇ ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوت 25 - فېۋرال چارشەنبە كۈنىگە بېكىتىلگەن.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ليۇ شاۋيۈەن يازغۇچى تې ليۇنىڭ سوتىدا ئادۋوكاتلىق قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. ئادۋوكات لىيۇ شاۋيۈەن ئەتىكى سوت ھەققىدە توختىلىپ، «ئوڭقانات ئېقىمىدىكى يازغۇچى تې ليۇ ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوت 25 - فېۋرال چارشەنبە كۈنى چېڭدۇ شەھرىدە ئېچىشقا بېكىتىلدى. تې ليۇ تۇتقۇن قىلىنغىنىدا 5 ئاي بولدى. ئەتە تې ليۈ ئۈستىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلغان دەپ ئەيىپلىنىپ، سوت ئېچىلماقچى، مېنىڭچە تې ليۇنىڭ يېشىنىڭ نىسبەتەن چوڭ بولىشى سەۋەبلىك، سوت ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن، مېنىڭچە سوتتىن كېيىن تې ليۇ قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن» دېگەن.
بۇلتۇر 13 - سېنتەبىريازغۇچى تې ليۇ تۇتقۇن قىلىنغىنىدا، ئۇنىڭ ئايالى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بىرقانچە پارچە ماقالىسى سەۋەپ بولدى. ئېرىم ئىككى پارچە ماقالىسىدە ئىلگىرىكى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭنى تەنقىتلىگەن ئىدى» دېگەن. بۇ يىل 81 - ياشقا كىرگەن تې ليۇ، سىچۈئەنلىك يازغۇچى. ئۇ 1957 - يىلى «ئوڭچى قالپىقى» كىيگەن.2010 - يىل ئۇ يەنە بىر قىسىم خىتاي يازغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئىمزالىق خەت سۇنۇپ، «مەتبۇئاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، خەۋەر ئەركىنلىكى بېرىش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.