ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى «تېمۇ» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان باغلىنىشىنى سۈرۈشتۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.20

ئامېرىكانىڭ 21 شىتاتىدىكى ئەدلىيە تارماقلىرى خىتاينىڭ توردا پارچە سېتىش گۇرۇھى «تېمۇ» (Temu) ۋە ئۇنىڭ باش شىركىتى بولغان PDD چەكلىك شىركىتىگە خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئامېرىكانىڭ سودا قائىدىسىگە بويسۇنۇش ۋە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكادىكى «يالقۇن مېدىيا» (Blaze Media) تورى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مونتانا ئىشتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئوستىن كنۇدسېن (Austin Knudsen) باشچىلىقىدىكى ئەدلىيە مىنىستىرلىرى گۇرۇپپىسى تېمۇ شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا PDD شىركىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «تېمۇ ئۆز سۇپىسىدا شىنجاڭ تاۋارلىرىنى چەكلەشكە دائىر ھېچقانداق بەلگىلىمىسى يوقلۇقىنى مەخسۇس كومىتېت ئالدىدا ئېتىراپ قىلدى. شىنجاڭ بولسا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان جايدۇر. تېمۇ ئۆزىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى تېمۇنىڭ ھېچقاچان ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›غا ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە دوكلات بەرمىگەنلىكىنى بايقىدى. بۇ ئەھۋال كىشىنى ئەنسىزلىككە سالىدۇ».

ئەدلىيە مىنىستىرلىرى خېتىدە، تېمۇدىن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىغان-توپلىمىغانلىقى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە ساتقان-ساتمىغانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە تېمۇنىڭ ئۆز تورىدا سېتىۋاتقان ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىشىنى ھەمدە بۇ خىل ماللارغا چېتىلىپ قالماسلىققا قانداق كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. تېمۇ شىركىتى بۇ خەتكە 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.