خىتاينىڭ تېمو شىركىتىنىڭ ئامېرىكاغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان

خىتاينىڭ شېيىن (Shein) ، تېمو (Temu) قاتارلىق تور سودىسى شىركەتلىرى ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم ماللارنى ئامېرىكاغا سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 13-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل-ئاۋىۋ شەھىرىدىكى «ئۇلترا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش» ئورنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ «تېمو» ئارقىلىق ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا يەتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلاردىن ئاز دېگەندە 10 خىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ياكى ساتقان مەھسۇلاتلار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساپما كەش، قارا كۆزەينەك قاتارلىقلار بار ئىكەن. «ئۇلترا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش» ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ئامېرىكا يولغا قويغان «شىنجاڭدىن كىرگۈزۈلىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش» قانۇنىغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ خېلى بۇرۇنلا ئامېرىكاغا داۋراڭ قىلىنىشقا باشلىغان پىن دودو (拼多多) شىركىتىنىڭ قارىمىقىدىكى «تېمو» ئۆتكەن يىل 9-ئايدا ئامېرىكا بازىرىغا تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، «تېمو» ئەپ دېتالى ئالما شىركىتىنىڭ ئەپ دۇكىنىدا ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن دېتال بولۇپ قالغان. تېمو شىركىتى خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ماللىرىنى توشۇش، سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە كېڭەيمەكتە ئىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە چىققان خەۋەردە، توردا كىيىم-كېچەك سودىسى قىلىدىغان شېيىن (Shein) نىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا قانۇنى يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، 800 دوللاردىن تۆۋەن مالنى پوچتا ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن قۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.