خىتايدىكى داڭلىق تور سودا سۇپىسى بولغان «تېمۇ» شىركىتى بىر مەزگىل مال تەمىنلىگۈچىلىرىدىن مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئۇلارنىڭ بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. تېمۇنىڭ بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشتە قانداق ئامىللارنى چىقىش قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ مەزكۇر داڭلىق تور سودا سۇپىسىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە يېتەرلىك تەدبىر ئالماسلىقتا ئەيىبلەپ كەلگەن. «تېمۇ» شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بېسىمىدا ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مىڭلىغان كىچىك تىپلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قارىتا داۋاملىق نازارەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئامېرىكادىكى «ئۇچۇر» ناملىق سودا تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «تېمۇ» ئۆتكەن يىلى قىسقا مەزگىل يولغا قويغان مال تەمىنلىگۈچىلىرىدىن «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىشتىن ۋاز كەچكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق، دەپ قارىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن. لېكىن «ئۇچۇر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تېمۇ» نى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى تېمۇنىڭ مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن تەلەپ قىلىپ كەلگەن «مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق پاختا مەھسۇلاتىنى كىيىم-كېچەك توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلەتمەسلىك» ھەققىدىكى تەلەپتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېيتقان.
تېمۇنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ «ئۇچۇر» سودا تورىغا بىلدۈرۈشىچە، تېمۇنىڭ خادىملىرى ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاختىسىنى ئىشلەتمەي، داۋاملىق «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرگەن. خەۋەردە بۇ ئۆزگىرىش ھەققىدە توختىلىپ «تېمۇنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى قانۇنى› غا ئەمەل قىلىش ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.