دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تېز سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى- «غەربىي تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» نىڭ قۇرۇلۇشى ئەڭ قىيىن باسقۇچقا كىرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.08

دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تېز سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى «غەربىي تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ئەڭ قىيىن باسقۇچقا كىرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە غۇلجا بىلەن ئاقسۇنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا غەربىي تەڭرىتاغ مۇزلۇق رايونىنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان بىر قانچە كىلومېتىرلىق تونېل قۇرۇلۇشى باشلانغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 6-ئىيۇل بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ قىيىن باسقۇچىغا كىرگەنلىكى، بۇ يولنىڭ بىر قانچە كىلومېتىرلىق مۇزلۇق رايوننىڭ ئاستىدىن كېسىپ ئۆتۈدىغانلىقى، ئومۇمى مۇساپىسى 15.7 كىلومېتىرلىق بۇ تونېلنىڭ جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تونېل قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ باسقۇچى سۇ چىقىپ كېتىش، چاڭ توزان ئېغىر بولۇشتەك كاشىلىلارغا دۇچ كەلمەكتىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ تونېلنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىنىڭ 2365 مېتىرغا يېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىلىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان G219 ناملىق تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پارچىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى، شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنى ۋە 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا يۇقۇم قامىلىنىڭ بىكار قىلىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماپ، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ تېزلەتكەنىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ جەنۇب بىلەن شىمالنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان قاتناش، سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇلكۈرە-ئونسۇ تېز سۈرئەتلىك تاش يولى پۈتسە، بۇ غۇلجا بىلەن ئاقسۇنىڭ ھازىرقى 1710 كىلومېتىرلىق مۇساپىسى 500 كىلومېتىر قىسقىرايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.