تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلار 2100 ‏-يىلى ئاساسەن ئېرىپ تۈگىشى مۇمكىن

تەتقىقاتچىلار، ئەگەر تېمپېراتۇرا ھازىرقىدەك ئۆرلەپ ماڭسا 2100‏-يىلى تەڭرىتاغلىرىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ 80% ى پۈتۈنلەي ئېرىپ تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «جۇڭگو ياشلار گېزىتى»نىڭ 24‏-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ ۋە مۇھىتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەنە ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار تەڭرىتېغىنىڭ 1‏-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمى تېز ئېرىپ كېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4 مىليون 800 مىڭ يىللىق تەڭرىتاغ 1‏-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمى2016‏-يىلى4‏-ئايدىن بۇيان 2.7 مېتىر ئېرىگەن. ئەگەر تېمپېراتۇرا مۇشۇنداق ئۆرلىسە، 1 ‏-نومۇرلۇق مۇزلۇق 50 يىل ئىچىدە پۈتۈلەي ئېرىپ تۈگەيدىكەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيەسى تەڭرىتاغ گېئولوگىيە پونىكىتىنىڭ باشلىقى لى جۇڭچىن «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەڭرىتېغىدىكى 155 مۇزلۇق تەمىنلەيدىغانلىقى، بىراق ھازىر بۇ مۇزلۇقلارنىڭ 12 سى ئېرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، بۇ مۇزلۇقنىڭ ئېرىپ كېتىشى، 3 مىليون 550 مىڭ نوپۇسلۇق ئۈرۈمچىنىڭ ئىچىملىك سۇيىگە قاتتىق تەسىر قىلىپلا قالماي، باشقا مۇزلۇقلارنىڭمۇ تەڭ ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي تەتقىقاتچىلار مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى يەرشارى تېمپېراتۇرىسىغا باغلىغان بولسىمۇ، بىراق مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ رايوندا كەڭ كۆلەملىك كۆمۈر، تۆمۈر، مىس كانلىرىنى ئېچىپ، كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىنى قۇرۇشى مۇھىتنى بۇلغاپ، ھاۋا كىلېماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، غۇلجا، جوڭغارىيە، قۇمۇل ۋە خىتاينىڭ گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىنىڭ يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.