خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 31-مارت خەۋەر بېرىپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالتاينىڭ چىڭگىل ناھىيىسىدىكى قازاق چارۋىچى تېپىۋالغان 7.85 كىلوگراملىق ئالتۇننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايدىكى پېڭبەي تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 31-مارت كۈنى ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ تەشۋىقات كادىرى «چاغاندىن ئىلگىرى بۇ ئالتۇننىڭ يەنىلا ئۇنى تېپىۋالغان قازاق چارۋىچىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئالتۇننى تېپىۋالغان چارۋىچى ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەرمىگىنى ئۈچۈن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ بۇ چارۋىچىنىڭ ئائىلىسىنى قوغدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئالتۇننىڭ نەدىلىكى ئېنىق بولمىغاچقا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ چارۋىچىنىڭ ئائىلىسىنى قوغداشنى بىكار قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ يىل 30-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىدە «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيىسىدە ئۇزۇنلۇقى 23 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 7.85 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ساپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئالتۇن تېپىلغانلىقى» ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. شۇندىن بۇيان بۇ خەۋەر ۋە ئالتۇننىڭ كىمگە تەۋە بولۇش مەسىلىسى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يېقىنقى خەۋەرلەردە يەنە، ئالتۇن ۋە ئۇنى تېپىۋالغان قازاق چارۋىچىنىڭ سىرلىق ھالدا غايىب بولغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.