خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەپتىش خادىملىرىغا قارىتا نازارەت ئېلىپ بېرىشكە باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ، تەپتىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئىپادىسىنى نازارەت قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا تەپتىش ئورگانلىرىدىن تۇتقۇنلارغا قانۇنىي تەرتىپلەرنى قايرىپ قويۇپ جازا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋال قىسمەن بولسىمۇ بەزى تەپتىش ئەمەلدارلىرىنى بىئارام قىلغان. ««شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 19 كىشىدىن تەشكىل تاپقان «ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىشلەر ئىنتىزام كومىتېتى» ناملىق بىر كومىتېت قۇرغان.
خەۋەردە، بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىرىنىڭ 3 يىللىق مۇددەت بىلەن ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ ۋەزىپىسى «تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى، قەستەن خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى، ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغانمۇ، ئادەتتىكى خاتالىق سادىر قىلغانمۇ ياكى تەپتىشلىك مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلمىغانمۇ؟» دېگەنلەرنى بېكىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە، بۇ كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باشقىچە پىكىر-ئىلتىماسلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۇنى قارار قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئەدلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا پىكىر بېرىش» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ تەسىس قىلىنىشى «ئەدلىيە جاۋابكارلىقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى» ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ تۇتقۇندا ئەدلىيە سېپىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە قارشى چىقتى ياكى ئەستايىدىل ئىقرار قىلمىدى» دېگەن سەۋەب بىلەن جازالىغانىدى.