تەپتىش ساھەسىدىكى خىتاي ئەمەلدارنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى سالاھىيىتى بىكار قىلىندى


ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 12 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنى 15 - يانۋار كۈنى رەسمىي ئاخىرلاشقان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەزكۇر 4 - قېتىملىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن 906 خىل تەكلىپنىڭ 788 خىلى تىزىمغا ئېلىنىپ، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان.

سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، ئورنىغا يېڭى رەھبىرى شەخسلەر تولۇقلانغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە سىياسىي كېڭەش يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەپتىش ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسلەردىن بىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىتى بىكار قىلىنغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇر تورلىرىدىن بىرى«باغداش»تىكى ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ئاساسىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى شى شاۋلىننىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ 11 - قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى شى شاۋلىننىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئەت ئەزالىق سالاھىتىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭدەك شى شاۋلىننىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان ئىكەن.

سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2013 - يىلىدىن تارتىپ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈگەن، نازىر دەرىجىلىك كادىر شى شاۋلىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.