خىتاينىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە كۆپلەپ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

«فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ 31-يانۋاردىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشى جىددىي كېڭىيىشكە باشلىغان. مەزكۇر ماقالە ئاپتورى جېرېمىي خۇنت (Jeremy Hunt) بۇ ھالنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن زور بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئوبزوردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نوپۇسى دۇنيا ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلسىمۇ خىتاي پايدىلىنىۋاتقان تېرىلغۇ يەر دۇنيا مىقياسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ توققۇز پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇڭا ئاشلىق قەھەتچىلىكى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كىرىزىسلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىددىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانغان چارىلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىش ھەمدە بۇ يەرلەردىن چىققان ئاشلىق ئارقىلىق خىتاينى تەمىنلەش بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2010-يىلى خىتاي ئامېرىكا تەۋەسىدە 81 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تېرىلغۇ يەر سېتىۋالغان بولسا 2020-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ قالغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك مىساللارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تېرەك بولۇۋاتقان «ۋەنجۇ گۇرۇھى» (WH Group) بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا فېرمىسى بولغان «سىمىت يېمەكلىكلىرى» شىركىتىنى 4.7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئالتە شتاتقا يېيىلغان 146 مىڭ ئەيكېر (تەخمىنەن 60 مىڭ گېكتار) تېرىلغۇ يەر خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغان يەنە بىر خىتاي سودىگەر تېكساس شتاتىدا 140 مىڭ ئەيكېر يەر سېتىۋالغان. ئۇ سېتىۋالغان يەرلەرنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قاراشلىق يەرلەر بولغان. ئاپتور مۇشۇنداق رېئاللىقنى تىلغا ئالغان ھالدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قايتىدىن تونۇشتۇرۇلىدىغان «يېزا ئىگىلىك بىخەتەرلىكىنى ئالغا سۈرۈش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاشنىڭ مۇھىملىقىنى، چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي، رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە يەر سېتىۋېلىپ سودا خاراكتېرلىك پائالىيەت قىلىشىنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى دەل ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە چەتئەلنىڭ تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق چەكلىمە بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان مۇھىم قەدەم، دەپ قارالغان. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋال توغرىسىدا كەسكىن قىلىپ «ئەگەر دۆلەت مەجلىسى بۇ مەسىلىدە بوشاڭلىق قىلسا بىزنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىق بىخەتەرلىكىمىز باشقا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالىدۇ. دېمەك بىز ھەرىكەت قىلمىساق خىتاي ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن.