ئۇيغۇرچە ۋە كۆپ تىللىق ئاۋازلىق تەرجىمە سىستېمىسى - «تەرجىمان» نىڭ سىناق نۇسخىسى دىققەت قوزغىدى

«ئۈرۈمچى ئۇچۇرى» ناملىق ئۈندىدار گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇراخمان تۇرغۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى يېقىندا «تەرجىمان» ناملىق كۆپ تىللىق ئاپتوماتىك تەرجىمە سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناقتىن ئۆتكۈزگەن.

بۇ ئاۋازلىق تەرجىمە دېتالى ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچە، خىتايچە، رۇسچە، فىرانسۇزچە، تۈركچە، ياپونچە، ئەرەبچە، گېرمانچە، ھىندىچە ۋە كورېيانچە قاتارلىق 10 خىل تىل ئوتتۇرىسىدا ئاپتوماتىك تەرجىمە مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدىكەن.

قوش يۆنىلىشلىك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇ خىل تەرجىمە مەشغۇلاتى ئادەتتە ئاۋازلىق ۋە يېزىق شەكلىدىكى تەرجىمە خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر تەرجىمە دېتالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنىشىنى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى زور بۆسۈش دەپ قارىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرچە بىلەن باشقا تىللار ئوتتۇرىسىدىكى ئاپتوماتىك ئاۋازلىق تەرجىمە سىستېمىسى تەتقىقاتى بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكترون ۋە ئۇچۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەمدە ئاسپىرانتلىرى تەرىپىدىن باشلانغان.

مەزكۇر سىناق سىستېما ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا تەرجىمە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش بىرىكتۈرۈش قاتارلىق 3 چوڭ ئىقتىدارنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن.