جاڭ چۈنشيەن 96% «تېررورلۇق» پىلانىنىڭ ئالدىنالا يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىدە 96% «تېررورلۇق» پىلانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن بۇرۇن يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

جاڭ چۈنشيەن بۇ سانلىق مەلۇماتنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتنىڭ ئورگان ئەپكارى «ئەمەلىيەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئاشكارىلىغان.

جاڭ چۈنشيەن، ئالدىنالا يوقىتىلغان بۇ 96% تېررورلۇق ھەرىكىتىگە چېتىلىپ، قانچىلىك ئادەم ئۆلگەن، قولغا ئېلىنغان ۋە يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزى كۆزەتكۈچىلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ گۇمان قوزغىدى.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، ماقالىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختالمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى زوراۋانلىققا تايىنىپ ساقلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇق» دەپ داۋراڭ سالغان نۇرغۇن ۋەقەلەر ئەمەلىيەتتە تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.