ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20-سېنتەبىر كۈنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2017-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئەھۋالىغا قارىتا خېلى زور سەھىپىدە باھا بېرىلگەن.
دوكلاتنىڭ باش قىسمىدا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر دىياردىكى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي كۈچ» لەرنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارنى جازالاشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش، لاگېرلارغا قاماپ «تەربىيەلەش»، DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەقىب تەدبىرلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دوكلاتىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاممىسىغا قارىتا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» نى تۈگىتىش ئۈچۈن «تەربىيەلەش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئەسلىدە بار بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۈرمىلەرگە تاشلاپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسىنى قوللانغان ھەم مەسچىتلەرنى چېقىپ، ئۇيغۇرلارنى دىنىي پائالىيەتلەردىن پۈتۈنلەي چەكلىگەن. » دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ نەزىرى ئىزچىل ھالدا بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆزلىرى ئاتىۋالغان ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نىڭ پائالىيەتلىرىگە تىكىلگەن. گەرچە خىتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇكەممەل دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇشۇ تەشكىلاتقا باغلاپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. »
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ رايوندىكى «تېررورلۇق ۋەقەلىرى» نىڭ سانىنى ئازايتىشتا پايدىسى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا بۇ ھەقتە خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆپلەپ خەۋەر بەرگەن. بىراق چەتئەل ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە نەق مەيدان مەلۇماتلىرىنى ئالالماي كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ھازىرغا كەلگۈچە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى تەمىنلەش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى جاۋابسىز قالدۇرغان.