نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ 4-نومۇرلۇق رەھبىرى دەپ قارىلىدىغان، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك، 28-سېنتەبىر ئاتۇشنى زىيارەت قىلغاندا، ئاتۇشتىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە ساقچى، قوراللىق قىسىملارنى زىيارەت قىلىشتىن سىرت، ئاتۇشتىكى قوش تىللىق مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپنىڭ مۇھىملىقى» نى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ شىنجاڭ تورىنىڭ يەرلىك ئوبلاست، ۋىلايەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈ جىڭشېڭ ئاتۇشتا قىلغان سۆزىدە «قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يەردە خەلقنىڭ تىنچ ياشىشى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. يوقسۇللۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن مائارىپقا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دېگەن سۆزلەرنىمۇ قىلغان.
مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەتكە قېقىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلماقتا دەپ باھالىماقتا.