خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك تۇنجى كومىسسارىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن

«جۇڭگو خەۋەر تورى»نىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ يۆجىننى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك تېررورلۇققا قارشى تۇنجى كومىسسارلىققا تەيىنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» ئىنى ماقۇللاش ئالدىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىن تەييارلىقى سۈپىتىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئالاھىدە كومىسسارلىق ئورنىنى تەسىس قىلغانلىقى مەلۇم.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررور» غا قارشى يېڭى قانۇنى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا يېڭىدىن تەسىس قىلغان «تېررورلۇق» قا قارشى كومىسسارلىقى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى مەركەز قىلغان چېگرا رايونلاردىكى «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلىدىكەن.