خىتاي مەركىزىي تەشۋىقات ئىدارىسى ئاخبارات ساھەسىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى

يېقىندا خىتايدا ئىككى قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىك، لى كېچاڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ رۇسىيە ۋە ئافرىقا زىيارىتىنى باشلاپ 31 - مارت كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى چەتئەل سەپىرى خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات ئورگىنى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ۋە تەشۋىقات سىياسىتىنى تەرتىپكە سالغان ھەمدە بەش خىل ئاخبارات پرىنسىپىنى بەلگىلىگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلىگەن بەش خىل پرىنسىپتا ماركسىزم - لېنىنىزمغا قارشى سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، «جۇڭگونىڭ ئاخبارات ساھەسى، مەيلى كلاسسىك ئاخبارات بولسۇن ۋە ياكى يېڭى ئاخبارات ساھەسى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيىنىڭ ۋە خەلقنىڭ كانىيى ھەم تىلى بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە پارتىيە نىزامنامىسى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئاۋازلارغا يول قويماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

بۇنىڭدا يەنە «پارتىيە، دۆلەت ۋە مىللىي مەيدانغا قارشى پوزىتسىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ئىشلىمەسلىكى، تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلماسلىقى» بەلگىلەنگەن.

يېقىندا ئېچىلغان ئىككى يىغىن جەريانىدا خىتاي ئاخبارات،كىنو - تېلېۋىزىيە ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك كۈچەيتىلگەن ئىدى.