«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» 18-سېنتەبىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، تېسلا (Tesla) شىركىتىنىڭ ئۆزىنى ماختىشىغا رەددىيە بەرگەن ۋە توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان لىتىي باتارېيەلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تېسلا شىركىتى ‹توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىر مۆجىزە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەخلاقىي مۆجىزە› دەپ ئۆزىنى مەدھىيەلىدى ھەمدە يىللىق دوكلاتىدا ‹بۇنىڭدىن كېيىن تېسلا شىركىتىگە مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىگە چېتىلىپ قېلىشىغا يول قويمايمىز› دەپ ۋەدە بەردى. ئەمما تېسلا خىتايغا كەلگەندە جىم تۇرۇۋالدى؛ تېسلا ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقارغاندا ئۇنىڭغا شىنجاڭ رايونىدىن كېلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، ئۇ رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدىكى پاكىتلار ئېنىق تۇرسىمۇ، بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىدى» .
دۇنيادىكى تېسلا قاتارلىق توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ماڭدۇرىدىغان مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىيونلۇق لىتىي باتارېيەسى بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى ئۇنىڭ مۇھىم خام ئەشيا مەنبەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلانغان. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ باتارېيەنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە سېلىنغان دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقانىدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئېنىقلىشىچە، ئامېرىكا چەكلىمە قويغان «شىنجاڭ ماللىرى» نى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركەتلىرى تېسلانىڭ ئەڭ كۆپ مال تەمىنلىگۈچىلىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش» ، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىن كۆپلەپ ئادەم يۆتكىگەن خىتاي شىركەتلىرىمۇ بار ئىكەن.