تېسلا شىركىتى بۇففالودىكى زاۋۇتىغا خىتاينىڭ كۈنتاختالىرىنى ئورناتقان

تېسلا شىركىتى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ باھالانغان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ كۈنتاختالىرىنى ئىشلەتكەن.

ئامېرىكادىكى «تەكشۈرۈش پوچتىسى» (Investigative Post) ناملىق گېزىتنىڭ ئېنىقلىشىچە، تېسلا شىركىتى ئۆزىنىڭ جەنۇبىي بۇففالوغا كۈنتاختا ياساش ئۈچۈن قۇرغان زاۋۇتىنىڭ ئۆگزىسىگە خىتاي ئىشلەپچىقارغان كۈنتاختالارنى ئورناتقان.

بۇ كۈنتاختالارنى خىتاينىڭ LONGi يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىياللارنىڭ بارلىقى ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيەدىكى شېفىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خېلېنا كېننىدى خەلقئارا ئەدلىيە مەركىزىنىڭ دوكلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ بازار بولغان ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە «يېشىل ئېنېرگىيە» ھېسابلىنىدىغان كۈنتاختا ۋە لىتىي باتارېيەسىگە ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە خىتاينىڭ كۈنتاختالىرىنى چەكلىگەن ئىدى.

بىراق خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ LONGi شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ۋە تېسلانىڭ باياناتچىسى ياكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك ھېچقايسىسى يۇقىرىقى گېزىتنىڭ كۈنتاختالارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان چېتىشلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.