خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەيدىكى تېسلا زاۋۇتىغا قولايلىق يارىتىپ، ئېلون ماسكتىن پايدىلانماقچى بولغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 27-مارت كۈنى بىر زور كۆلەملىك بىر تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئېلون ماسكنىڭ شاڭخەيدە زاۋۇت قۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى قانداق ئىمتىيازلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تېسلانى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن تەمىنلىگەن، يېڭى بۇلغىما قويۇپ بېرىشكە دائىر تەستىق بىلەن تەمىنلەپ، تېسلانىڭ ھاۋانى بۇلغاشقا مۇناسىۋەتلىك جازا تۆلەملىرىنى تۆلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. بۇندىن سىرت خىتاي يەنە شىركەت ئىگىدارلىقىغا ئائىت قائىدە-بەلگىلىمەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، تېسلانىڭ خىتايدا شېرىكسىز ئىش قىلىشىغا يول قويغان.

نۆۋەتتە تېسلانىڭ شاڭخەيدىكى زاۋۇتى ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا چىقىرىۋاتقان مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ رىقابەت كۈچى ھازىرقى كەسكىن توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا خىتايدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە باغلىق بولۇپ قالغان.

خىتاي ھازىر ئۆزىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىنى بەرپا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تېسلانىڭ خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ بۇنىڭدا ھەسسىسى بار، دەپ قارايدىكەن.

ئېلون ماسكنىڭ خىتايغا تايىنىشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن توختاملىق سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى SpaceX نىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتىكەن.

ئېلون ماسك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شۇنداقلا تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەدەپ خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ كەلگەن. ئۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل كۆرگەزمە زالى ئاچقان بولۇپ، تېسلا شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.