ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا تېخنىكاسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا ئۆزەك سانائىتىدە يېتەكچى ئورۇنغا چىقىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھالقىلىق تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشنى رەسمىي يولغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 6-سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى ئېكسپورت كونترول قارارى كۋانتۇم كومپرۇتېرى ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، ئىلغار تىپلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، بەزى مېتال ۋە بىرىكمە مېتال تەركىبلىرى ھەمدە ئۇنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى، شۇنداقلا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا قوللىنىدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۆزەك ۋە ئۆزەك زاپچاسلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارارىدا بۇ سىياسەتنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تاشقىي سىياسەت سەۋەبلىرى» نىڭ، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇزاكىرىلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا CNBC قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ چەكلىمە دۇنيا مىقياسىدىكى ئېكسپورتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، لېكىن ياپونىيە، گوللاندىيە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇنقىدەكلا بۇ چەكلىمىدىن خالىي تۇتۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانائەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا ئەگىشىپ بۇ خىل چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى كۈتمەكتە ئىكەن. خەۋەرلەردە، ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى خىتاي ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە يولغا قويۇلغانلىقى، ئۇنىڭ نۇقتىلىق خىتاينى كونترول قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تېخنولوگىيە ئۈستۈنلۈكى ۋە غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرغان يەر شارى تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشنى كونترول قىلىشى، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋاننىڭ تېخى يېقىندىلا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يولغا قويۇلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال خىتاينىڭ بىر قانچە شىركىتىنى «ئېكسپورت كونترول تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىنى «تىپىك بىر تەرەپلىك جازالاش ۋە چېگرا ھالقىغان قانۇن ئىجراچىلىقى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.