تېخنىكا ئوغرىسى خىتاي ئەر جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان

ئامېرىكا شىركىتى پاتېنت ئالغان قوناق ئۇرۇقلىرىنى ئوغرىلاپ خىتايغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان خىتاي ئەر 27 - يانۋاردىكى سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

«ھامىي» (گاردىيان) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مو خەيلوڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي ئەر «مونسانتو» ۋە «دۇپونت» قاتارلىق ئۇرۇقچىلىق يۇقىرى پەن - تېخنىكا شىركەتلىرى تەتقىق قىلىپ چىققان قوناق ئۇرۇقلىرىنى ئوغرىلاپ، ئۇ خىتايدىكى ۋاقتىدا ئىشلىگەن «بېيجىڭ دابېينوڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى» غا بەرمەكچى بولغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئايوۋا شتاتىغا قاراشلىق بىر ئورگىنى ئېلان قىلغان باياناتتا كۆرسىتىشىچە، مو شىركەتنىڭ «چېتىشتۇرۇلغان قوناق ئۇرۇقلىرىنى ئايوۋا شتاتىدىكى ئېتىزلاردىن ئوغرىلاپ، ئۇلارنى خىتايغا يۆتكەش پىلانى تۈزگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.»

باياناتتا: «بۇ ئوغرىلانغان ئۇرۇقلار دۇپونت ۋە مونسانتو شىركەتلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەقلىي مۈلكى» دېيىلگەن.

باياناتقا قارىغاندا، مو خەيلوڭ خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئىشلەش ۋىزىسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى - يېشىل كارتىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

ئۇنىڭ يۇقىرى جىنايىتىگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، 250 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ گۇماندار بىلەن كېلىشكىنى بويىچە ئۇنى 5 يىلدىن ئارتۇق سولىمايدىكەن.

ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلىش كۈنىنى ئايوۋا شتاتى تېخى بېكىتمىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مونىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ 2011 - يىلى ئۇرۇق سورتلىرىنىڭ تەجرىبە ئېتىزىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەندە بايقىلىپ قالغان ۋە كېيىن قولغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مو خەيلوڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن بېيجىڭ دابېينوڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەت ئىكەن.