ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن دائىمىي ھەيئەتلىرى 26-ئۆكتەبىر قەسەم بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى» نى قەتئىي ئىجرا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان قەسەم بېرىش مۇراسىمى 26-ئۆكتەبىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمىنىڭ تارىخ مۇزېيى ۋە 8-ئارمىيە ئىش باشقارمىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 25-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى 15 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتنى بېكىتىلگەن.
لېكىن 15 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ پەقەت 4 نەپىرىنى ئۇيغۇر تەشكىل قىلغان. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ئەمەلدارلىرىغا ۋە 2 ھۆكۈمەت ئاپپاراتىغا جازا قويۇپ، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغان ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇراسىمدا ھەيئەتلەر «ئىزچىل تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ۋە قاتتىق باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەت بېرىمىز» دەپ قەسەم ئىچكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دائىمىي كومىتېتى ئۆزىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا چېن چۈەنگو 8 تۈرلۈك خىزمەت نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ 8 تۈرلۈك خىزمەت نىشانى رايوندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە يەنە بىر قولدا پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.