تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې: «تەيۋەن ئەزەلدىن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت»

تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كېلەر قېتىملىق پىرېزىدېنت نامزاتى لەي چىڭدې (William Lai)، تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى، بۇ ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ رەسمىي مۇستەقىللىق پىلانى ئۈستىدە قوغلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لەي چىڭدېنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ خىتاي بىلەن «دىيالوگ» ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەن بېيجىڭنىڭ «تەيۋەننى قوشۇۋېلىش نىيىتى» ۋە قورال ئىشلەتمەسلىكنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتىكەن. لەي چىڭدې بۇ سۆزلەرنى «بلۇمبېرگ سودا ھەپتىلىكى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان.

لەي چىڭدې بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن لاتىن ئامېرىكاسىدىكى پاراگۋاي پىرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە توختاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئامېرىكادا توختاپ ئۆتۈشى خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى لەي چىڭدېنى خۇددى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگىنىدەك «بۆلگۈنچى»، «ئاۋارىچىلىك تېرىغۇچى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

«بلۇمبېرگ سودا ھەپتىلىكى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، لەي چىڭدې «تەيۋەن ئەزەلدىن خىتاي جۇمھۇرىيىتى، دېگەن نامدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېن تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى خىتاي جۇمھۇرىيىتى (تەيۋەن) دېگەن نامدا ئاتاپ كەلمەكتە» ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ «كەلگۈسىدە شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» ۋە شۇنداقلا «دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش پىلانى يوقلۇقى» نىمۇ ئېيتقان. ئۇ يەنە «مۇستەقىللىق جاكارلاشنىڭ ھاجىتى يوق»، «خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر-بىرىگە تەئەللۇق ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت يەر شارى خاراكتېرلىك ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. لەي چىڭدې تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كېلەر قېتىملىق پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ، ئۇ كېلەر قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا تەيبېي شەھىرىنىڭ باشلىقى، گومىنداڭ (مىللەتچى) پارتىيەسىنىڭ نامزاتى خو يوۋيى بىلەن پىرېزىدېنتلىقنى تالىشىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە لەي چىڭدې خەلق رايىنى سىناشتا رەقىبىنىڭ ئالدىدا كېتىپ بارماقتىكەن.