تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى 27-ئىيۇن تەيۋەن قانۇن چىقىرىش پالاتاسىدا رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھازىرغا قەدەر چەت ئەل پارلامېنتلىرىدا ھەر خىل ناملاردا قۇرۇلغان سەككىزىنچى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ئىكەن. تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىلگىرىلەش پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى شېن بوياڭنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغان ھەر قايسى دۆلەت مەجلىسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا «مەزلۇملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش» نى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈش بولىدىكەن.
تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي تەھدىت سېلىشى كۈچەيتكەن، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئەشەددىي تەيۋەن بۆلگۈنچىلىرى» گە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ 27-ئىيۇن كۈنىدىكى قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا يىغىن ئەھلى «تەيۋەنگە كىشىلىك، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلىغان. «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى شېن بوياڭ «تەيۋەن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، ئۇنىڭ تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر تەيۋەن بۈگۈن ئورنىدىن تۇرمىسا، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش پۇرسىتى بولمايدۇ» دېگەن.
شېن بوياڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئاۋاز چىقىرىپلا قالماي، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شېن بوياڭ مۇنداق دېگەن: «پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر كۈچىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىستىبداتلىقنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرالايمىز».
مەلۇم بولۇشىچە، «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەن گويۈگە ۋاكالەتەن پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ يۈروڭ قاتناشقان. مۇراسىمغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.