سەي يىڭۋېن خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي يەنە بىر نۆۋەتلىك تەيۋەن پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 11‏-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

ئۇ شۇ كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن بېيجىڭ دائىرىلىرىغا يەنە بىر قېتىم شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى، تىنچلىق، باراۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە دىيالوگ مۇقىملىقنىڭ ئاچقۇچى. . . مەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شۇنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېموكراتىك تەيۋەن ۋە بىزنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ھۆكۈمىتىمىز تەھدىتكە ھەرگىز تىز پۈكمەيدۇ.»

11‏-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا سەي يىڭۋېن 57.2 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ، سايلامدىكى رەقىبى، خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) نىڭ پرېزىدېنت نامزاتى خەن كويۈنى مەغلۇپ قىلغان. خەن كويۈ سايلامدا ئاران 38.6 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى سايلام خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىشى زور خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان، خوڭكوڭدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغان شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى پارتلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ سايلامنى تۇنجى قېتىم ئاقساراي بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەبرىكلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن 11-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان تەبرىك سۆزىدە «ئامېرىكا پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈچلۈك ئورتاقلىقنى ئالغا سۈرۈشتە ئورناتقان رەھبەرلىك رولىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. شۇنداقلا دۇچ كەلگەن بېسىمغا قارىماي ئۇنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ،» دېگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي تەھدىتىگە قارىماي سەي يىڭۋېننىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىدا بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشى، خوڭكوڭلۇق نامايىشچىلارنى باستۇرۇشى تەيۋەنلىك نۇرغۇن سايلىغۇچىلارغا تەسىر قىلغان ئىكەن. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى سايلام ئۇنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» گە ھېچقانداق تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «تەيۋەننىڭ ئىچكى قىسمىدا قانداق ئۆزگىرىش بولسا بولسۇن، دۇنيادا پەقەت بىر خىتاينىڭ بارلىقى، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدەك رېياللىق ئۆزگەرمەيدۇ،» دېگەن.