تەيۋەن سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈچۈن چوڭ سىناق بولماقتا

خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان 2024-يىللىق تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى 13-يانۋار كەچقۇرۇن ئېلان قىلىندى. تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان لەي چىڭدې (Lai Ching-te) تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن سايلامغا چۈشۈپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. رىقابەتكە چۈشكەن گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن خەلق پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى بىردەك مەغلۇپ بولغان. لەي چىڭدې سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، «بۇ كېچە تەيۋەنگە مەنسۇپ. بىز تەيۋەننى دۇنيا خەرىتىسىدە داۋاملىق ساقلاپ قالىمىز» دېگەن.

لەي چىڭدې سايلامدا ئۇتقاندىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز ئەزەلدىن ئېيتىپ كېلىۋاتقان پىرىنسىپ شۇكى، بىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز. ئەمما ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ سايلامغا قول تىقىشىنىمۇ قوبۇل قىلالمايمىز» دېگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن، لەي چىڭدېنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «بۇ ھال تەيۋەندىكى دېموكراتىك سىستېمىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق» دېگەن.

لەي چىڭدې ئەزەلدىن خىتاينىڭ «تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەيدىغان نەزەرىيەسىگە ئاشكارا قارشى تۇرۇپ كەلگەن كىشى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىدىن بەكمۇ نارازى بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «تەيۋەندە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك تۈپ پاكىت مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى لەي چىڭدېنى ئىزچىل تۈردە «ئەشەددىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇر» دەپ تىلغا ئېلىۋاتقان بولغاچقا، مۇشۇنداق بىر شەخسنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى بۇندىن كېيىنكى خىتاي-تەيۋەن ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بولۇپمۇ سايلام نەتىجىسىنىڭ دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق «بىرلىككە كەلتۈرۈش» كە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى، بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە.