تۈنۈگۈن تەيۋەن پارلامېنتى ئىلگىرىكى دىكتاتور تۈزۈمنى خاتىرىلەيدىغان كوچا ۋە ئورۇن ناملىرىنى قايتىدىن بېكىتىش، ھەيكەللەرنى ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە بىر قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان.
تەيۋەننىڭ «رېتىم» ناملىق بىر ئاخبارات تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە «ئۆتمۈشتە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە دەخلى يەتكۈزگەن، كونا دىكتاتور تۈزۈمنىڭ ھەرقانداق بىر قالدۇقى تەل-تۈكس تازىلىنىش كېرەك» دېيىلگەن.
مەلۇم بولىىشىچە، تەيۋەندە دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈم سۈرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە جياڭ جېشىنىڭ ئايرىدۇمدىكى نامى ۋە تەيۋەن پۇلىدىكى رەسىمى ئېلىپ تاشلاغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم مەكتەپ، كوچا ۋە بىنالاردا ئۇنىڭ ھەيكىلى ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋوللىرى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىم پارلاېمنتتا تەستىقتىن ئۆتكەن قانۇن لايىھىسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ تەستىقىدىن كېيىن رەسمىي ئىجراغا ئۆتىدۇ. خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ جياڭجىېشى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي سىمۋوللىرىنى ئېلىپ تاشلاشنىڭ تۇنجى قېتىم مەجبۇرىيەتكە ئايلىنىشى يەنى قانۇن ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىشقا ئۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ.
جياڭ كەيشى 1947 -يىلى تەيۋەنگە چېكىنگەندىن كېيىن تەيۋەندە ئاق تېررورلۇق دەم بېرىلگەن بىر قاتار قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى قەدىمىنىڭ جياڭ كەيشىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىدىن قايتىدىن بىر ھېساب ئېلىش، قۇربانلارغا تۆلەم تۆلەشكە يول ئاچقانلىقىدىن باشقا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر دلەت شوئارى يەنى تەيۋەننى يۇتۇۋېلىش غەرىزىگىمۇ ئوچۇق بىر زەربە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.