خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» «تەيۋەننى قورال كۈچىگە تايىنىپ قايتۇرۇۋېلىش كېرەك» دېدى

ئامېرىكادىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ غالىبى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنىدىكى بىر سۆزىدە ئامېرىكانىڭ «بىر جۇڭگو» سىياسىتىگە باغلىنىپ قېلىش زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولۇپ، «‹بىر جۇڭگو سىياسىتى› بىزنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئاساسى»، دېگەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بىر باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «مەركىزى ھۆكۈمەت چوقۇم تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قايتىدىن تەڭشىشى، قورال كۈچىنى ئەڭ ئاساسىي ھەل قىلىش چارىسى، دەپ قاراپ دىققەت بىلەن تەييارلىق كۆرۈشى لازىم» دېگەننى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيەنىڭ «گۋاردىئان» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قاراشلىق بىر مەتبۇئات ئورگىنى ھېسابلىنىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغانلارنىڭ پارتىيىنىڭ كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى باش ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم تەيۋەننى قورال كۈچىگە تايىنىپ قايتۇرۇپ ئېلىشتەك ئىرادىسىنى نامايان قىلىشى كېرەك، دەپ يېزىلغان.

ترۇمپ بىلەن خىتاي ئارىسىدا كېلىپ چىققان بۇ دەتالاش خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك تەيۋەن بىلەن يېقىنلىشىشىنى قارشى ئالسا، بەزىلەر بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىسىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.