خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شيامېندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ «يېقىندا» ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما خەۋەردە مانېۋىرنىڭ زادى قايسى كۈنى قىلىنغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى يېڭى ئاياغلىشىپ تۇرۇشىغىلا، خىتاي تېلېۋىزىيىسىنىڭ تەيۋەننىڭ كونتروللۇقىدىكى كىنمېن ئارىلىغا ئىنتايىن يېقىن جاي بولغان شيامېندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىك ھەققىدە خەۋەر تارقىتىشى دىققەت قوزغىغان.
تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شيامېندا ھەربىي مانېۋىر قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە مەسئۇل مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سىتىۋ لىن سۆزىدە «بۇ ئىنتايىن يامان خەۋەر، ئۇ ھالدا بىزمۇ ئۇ يەرگە كۆپلەپ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئاقىۋەتتە، تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك» دېگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تەيۋەنلىك ھەربىي ئەمەلدار رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە، ھەربىي مانېۋىر خەۋىرىنىڭ بەلكىم تەيۋەنگە قىلىنغان «پسىخىك ئۇرۇش» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق يېڭى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى ئېھتىيات بىلەن قەدەم ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۆتكەن شەنبە كۈنى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن، تەيۋەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىنىڭ لىدىرى دوكتور سەي يىڭۋېن زور كۆپچىلىك ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولغان ئىدى.