تەيۋەندە 6.4 بال يەر تەۋرەپ، 14 ئادەم ئۆلگەن

تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە شۇ جاي ۋاقتى شەنبە كۈنى ئەتىگەندە 6.4 بال يەر تەۋرەپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم ئۆلگەن ۋە 500 يېقىن ئادەم يارىلانغان.

تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى شەنبە ئۇنى كەچقۇرۇنغىچە يەنە 153 ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، قازا ۋەيۇەن جىنلوڭ رايونىدا ئۆرۈلگەن 16 قەۋەتلىك بىنادا كۆپرەك كۆرۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر بىنادىلا 200 ئادەم يارىلانغان ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تەيۋەندە 900 مىڭ ئائىلىدە توك كەتكەن، 400 مىڭ ئائىلىدە سۇ توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1 مىليون 900 مىڭ نوپۇسى بار تەينەن تەيۋەندىكى ئەڭ كوندا شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.