خىتاي ھۆكۈمىتى تەييۈەندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنماقتا

11-ئاينىڭ 6-كۈنى سەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ ئالدىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە كىملەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاشكارىلىمىدى.

28-ئۆكتەبىر ئوسمان ھەسەن باشچىلىقىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى تيەنئەنمېندە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۈگۈن فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتىغا باغلىنىشلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ جاكارلىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋەقەنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۇ خەۋەرگە 3-بېتىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ناھايىتى ئاز ئورۇن بەرگەن بولسا، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، سەۋەبنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە يەنە «نەتىجە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتلاش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىنى زورايتىش بىھاجەت» دەپ يازغان.

خىتاي دائىرىلىرى 28-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ۋەقەنى دەرھال تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئېلان قىلغاندىن سىرت، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ قامالنى كۈچەيتكەن ئىدى. بەزى چەتئەللىك مۇخبىرلار تىۋىتتىر تور بېتىگە يوللىغان ئىنكاسلىرىدا، ئەگەر ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلار خىتاي بولۇپ چىقسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىمۇ «تېررورچى» دەپ ئاتامدىغاندۇ؟ دەپ سوئال قويۇشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش ۋەقەگە تۇتقان ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيىسىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەڭىسز مۇئامىلىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.